Chinese→UyghurMain Dictionary
富兰克林
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fù lán kè lín
فرانكلىن
دۇنيا تارىخى
فرانكلىن
(1706 - 1790)، ئامېرىكىلق سىياسىئون،ئالى، يازغۇچى. ماسساچۇسېت شتاتىدىكى بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە شاگىرت ئۇستىسى بولغان. 1730 - يىل <پېنسىلوۋانىيە گېزىتى>نى نەشىر قىلغۇچى سودىگەر ۋە تاقاتقۇچىسى بولغان. 1731 - يىلى فىلادىلفىيە شەھىرىدە شىمالىي ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرغان. 1743 - يىلى ئامېرىكا قىتئەسى پەلسەپە جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1751 - يىلى پېنسلوۋانىيە داشۆسىنى ئېچىشقا ياردەم بەرگەن. 1754 - يىلى ئەنگلىيەگە قارشلىق مۇستەملىكىلەر يىغىنىدا، مۇستەملىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيەگە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان، 1775 - يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان ھەمدە <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى>نى يېزىشقا قاتناشقان. 1776 - يىلى فرانسىيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ، فرانسىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تۈزگەن (1778 - يىلى). 1781 - يىلى ئامېرىكىغا ۋاكىل بولوپ، ئەنگلىيە بىلەن تىنچىلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1783 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <پارىژ سۈلھ شەرتنامسىى>نى ئىمزالىغان. 1787 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىگە قاتناشقۇچى ۋەكىل بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە، چاقماق قايتۇرغۇچ، كۆزەينەك، ئەينەك تىللىق چالغۇ قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان. ئەدەبىيات جەھەتتە بىلىم سەۋىيىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، داڭلىق ئەسەرلىرىدىن <تەرجىمىھالىم> بار. پەلسەپە جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھ نەزەرىيىسىنى ياقلاپ، تەبىئەن دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلغان