Chinese→UyghurMain Dictionary
弗兰格尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fú lán gé ěr
ۋرانگېل
弗兰格尔〈北冰洋〉
fú lán gé ěr
ۋرانگېل
دۇنيا تارىخى
ۋرانگېل
(1) فرېدرىخ ھېنرى ۋرانگېل (1784 - 1877). پرۇسسىيە مارشالى. 9617 - يىلى پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ناپولېئونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاتلىق ئەسكەرلەر قوماندانى بولغان. 1939 - يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1848 - يىلى 4 - 9 - ئايلاردىكى دانىيىگە قارىتىلغان تۇنجى قېتىملكىق ئۇرۇشتا فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە شۇ يىلى 11 - ئايدا قوشۇننى باشلاپ بېرلىنغا كىرىپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇپ، پرۇسسىيە فېدېراتسىيىلىك پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن. 1856 - يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1863 - يىلى 1 - ئايدا، پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، دانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. لېكىن ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىستېپا بەرگەن، كېيىن ئارمىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. (2) پېترنىكولائېۋىچ ۋرانگېل (1878 - 1928). سوۋېت روسىيىسى ئىكچى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي باشلىقلارنىڭ بىرى. بارون. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال - پورۇچىكى. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۈەنىگە قوماندانلىق قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قىرىمغا قېچىپ كېتىپ، دېنىكىن ئاق گۋاردىيە <پىدائىيلار ئارمىيىسى> دە دىۋىزىيە كوماندىرى، جۈنتۈەن باشلىقى ۋە قوماندانى بولغان. ھوقۇق تالاشقانلىقى ئۈچۈن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1920 - يىلى 4 - ئايدا، ئانتانتا دۆلەتلىرىىڭ قوللىشى بىلەن دىنىكىننىڭ ئورنىغا، جەنۇبىي روسىيە ئاق گۋاردىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا، شىمالىي تاۋارى ۋە قىرىمدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1924 - يىلى فرانسىيىدە <روسىيە ئارمىيىلىرى ئىتتىپاقى> قۇرۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان. (3) لېئو فرانكېل (1844 - 1896). 1871 - يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ۋېنگرىيىلىك. زىننەت بۇيۇملىرى ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، بىر مەھەل لاسسال ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1867 - يىلى فرانسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە لوندوندا ماركس، ئېنگېلس بىلەن تونۇشقان. كېيىن لاسسالچىلاردىن ئايرىلىپ، ۋارلىن باشچىلىقىدىكى سول قانات پرۇدونىزم گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئوانل پارىژ ياچېيكىسى ئۈچىنچى قېتىم سوراق قىلىنغاندا، تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە 1871 - يىلدىكى 22 - يانۋار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان؛ 18 - مارت پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھەمدە كوممۇنا ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن ئەمگەك ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى خەلققە پايدىلىق بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> جېڭىدە ئىككىنچى قېتىم يارىدار بولغان. كوممۇنا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىپ، سىرتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1871 - 1875 - يىللىرى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئالاقىلىشىش سېكرىتارى بولغان. كېيىن ۋېنگرىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە 1880 - يىلى ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1889 - يىلدىن باشلاپ، فرانسىيىدە ماكانلىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان.