Chinese→UyghurMain Dictionary
弗拉基米尔大公国
دۇنيا تارىخى
ۋلادىمىر كىنەزلىكى
يەنى ۋلادىمىر - سۇزدال كىنەزلىكى، روستوۋ - سۇزدال كىنەزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅡ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە شەرقىي جەنۇبىي رۇستىكى ئەڭ چوڭ كىنەزلىك. ۋلادىمىر شەھىرىنى مەركەز قىلغان. مىلادى Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە كىيېۋرۇسقا قارام بولغان. ⅩⅡ ئەسىردە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىپ، كۈچى كىيېۋرۇسنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، ۋلادىمىر مانوماخنىڭ ئوغلى يورىي ۋلادىمىروۋىچ كىنەز بولغان (1125 - 1157) دا كىيېۋنىڭ ئاسارىتىدىن ئايرىلىپ، كەڭ يەر - زېمىنغا ئىگە بولۇپ، موسكۋا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا موسكۋا شەھىرىنى قۇرغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەش سۇيۇرغاللىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن، يەنە ئۇزاق ئۆتمەي 12 كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن (تۋېر، موسكۋا كىنەزلىكلىرىمۇ شۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىققان)، لېكىن جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋلادىمىر كىنەز بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسكۋا كىنەزلىكى موڭغۇل - قىپچاق خانلىقى تەرىپىدىن ۋلادىمىر كىنەزى دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بارا - بارا قوشنا كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن، موسكۋا كىنەزلىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن روسىيە دۆلىتىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.