UyghurMain Dictionary
فۇجۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى فۇجەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدىكى «817» كوچىسى (جىڭجۇڭ كوچىسى تەيئەن كۆۋرۈكى) دە. مەسچىت ئىچىدىكى ئابىدىدىن قارىغاندا، بۇ مەسچىت 628 - يىلى سېلىنغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى ۋە جياچىڭنىڭ 28 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. خانىقانىڭ كەينىدىكى كارىدور مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش، خانىقا ئالدىدىكى لاپاس چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىسى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىبارەت. ئابىدە خاتىرىلىرىدىن بۇ مەسچىتنىڭ يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئاجايىپ گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.