Chinese→UyghurMain Dictionary
孚尔根氏反应
Domain: بىئولوگىيەفېئۇلگېن رېئاكسىيىسى
1942 - يىلى فېئۇلگېن (Fesulgen, R) قاتارلىق كىشىلەر شىف (Schiff) رېئاكسىيىسى پرىنسىپىغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان بىر خىل ھۈجەيرە خىمىيىسى ئۇسۇلىدۇر. ھۈجەيرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كىسلاتادا گىدرولىزلاپ رىبو نوكلېئىك كىسلاتا چىقىرىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئوكسىگېنسىزلانغان رېىبونۇكلېئىك كىسلاتاسىدىكى پۇرۇن يوقىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەركىن ئالدېگىد رادىكالى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنى شىف رېئاكتىۋى (رەڭسىزلەنگەن سۇلفىد كىسلاتالىق ئىشقارلىق مۇرەككەپ قىزىل ئېرىتمە) بىلەن رېئاكسىيىلەشتۈرگەندە بېغىررەڭلىك كومپلېكس ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ فېئولگېن رېئاكسىيىسىدۇر. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھۈجەيرىدىكى خروماتىن ۋە خروموسومىلار ئېنىقلىنىدۇ ھەمدە DNA نىڭ سۈپىتى ياكى مىقدارىنى ئېنىقلاشتا قوللىنىلىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.