Chinese→UyghurMain Dictionary
福岛事件
دۇنيا تارىخى
فۇكۇسىما ۋەقەسى
ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ فۇكۇسىما ئارىلىدىكى ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1875 - يىلى كاۋانوخىروناكا قاتارلىقلار فۇكۇسىما ئارىلىدا سىياڭ جەمئىيىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، فۇكۇسىما ناھىيىسىدە خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كۈچى تېز ئۇلغايغان. 1882 - يىلى فۇكۇسىما ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن مىشىما تىسۇيو (1835 - 1888) خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۆكتەملىك بىلەن <تەۋەيىمىزدە ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ> دەپ جار سالغان ھەمدە جيەن - خوي - جىن يولىنى ياساشقا مەجبورلاپ، خەلقتىن ئالۋان - ياساقلارنى ھەدەپ يىغىۋالغان. ناھىيىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى كاۋانو خىروناكا باشچىلىقىدىكى ھۈرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ زوراۋانلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك كۈرەشنى ئېلىپ بېرىپ، مىشىما تىسۇيونىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق كىشى يوقىلاڭ بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. جۈملىدىن 58 كىشى دۆلەت ئىشى جىنايەتچىسى قاتارىدا توكيو ئالىي سوت مەھكىمىسىىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. كاۋانو خىروناكا قاتارلىق ئالتە كىشىگە ئايرىم - ئايرىم ئالتە يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن. ھۈرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ كاۋانو قاتارلىق ياش ئەزالىرى مۇشۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ مىشىمانى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كاپوياما ۋەقەسى يۈز بەرگەن.