Uyghur←ChineseMain Dictionary
فىسكې
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى菲斯克〈加〉
fēi sī kè 〈jiā 〉
Domain: دۇنيا تارىخى菲斯克
fēi sī kè
(1842 - 1901) ئەسلى ئىسمى فىدمۇند فىسكې گرېن. ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. 1863 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1869 - 1879 - يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. پات - پات ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى داشۆلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، جايلاردا دەرس بەرگەن. 1879 - يىلى ۋە 1880 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنگلىيەدىكى لوندون داشۆسىدە ۋە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئامېرىكا تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1884 - يىلى ۋاشىنگتون داشۆسىدە ئامېرىكا تارىخىدىن دەرس بەرگۈچى، قوشۇمچە پروفېسسور بولغان. 1895 - يىلى خارۋارد داشۆسىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مائارىپ مۇپەتتىشى بولغان. ئۇ ئەنگىلىيە سىپېنسېر چاكىنا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىقادچىسى ۋە تەرغىباتچىسى بولۇپ، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئارقىلىق تارىخنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان، ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <ئالەمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان>، <ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىگە دۇنيا تارىخى كۆز قارىشىدىن بىر نەزەر>، <ئامېرىكا ئىنقىلابىي تارىخى>، <ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.