UyghurMain Dictionary
فى سەبىللاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆلىمالار، ئاخۇنۇملار قۇرئان ۋە ھەدىسنى تەپسىر قىلغاندا بۇ سۆزنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇسۆز « قۇرئان كەرىم » دە 70 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللا يولىدا »، « ئاللا ئۈچۈن »، « ئاللا يولىدا جەڭ قىلىش »، « ئاللا يولىدا سەدىقە بېرىش »، « ئاللا يولىدا ئۆزىنى تەقدىم قىلىش »، « ئاللا يولىدا ھىجرە قىلىش »، « ئاللا يولىدا كۈرەش قىلىش » دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، « ئاللا يولىدا » قىلغانلىكى ھەممە ھەققانىي ۋە ساخاۋەتلىك ئىش ئاللانىڭ مۇكاپاتىغا ئىگە بولىدۇ. مەسچىتتە ئىمام ۋەز ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا مۇشۇ سۆز بىلەن دەۋەت قىلىدۇ. «فى سەبىلىللاھ » دېگەن سۆز جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىلىدىكى ۋە دىلىدىكى ھەممىنى ئىسلامىيەتكە بېغىشلايدىغان، ھېچقانداق شەخسىي غەرەز ئارىلاشمىغان سۆز _ ھەرىكەتنى كۆرسىتىدىغان بولدى.