Uyghur←ChineseMain Dictionary
فېرسمان
دۇنيا تارىخى
费尔斯曼
fèi ěr sī màn
(1883 - 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەر شارى خىمىكى ۋە مېنېرالوگىيە ئالىمى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكى. 1907 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزاق ۋاقىت ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەمدە تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان، <تەبىئەت> ژورنىلىنى چىقارغان؛ ئورال، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا كۆپ قېتىم ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بەزى مۇھىم كانلارنى تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <يەر شارى خىمىيىسى> ۋە <پېگماتىتىنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى> قاتارلىقلار. ئۇ يەنە <قىزىقارلىق يەر شارى خىمىيىسى> ۋە <قىزىقارلىق مىنېرالوگىيە> دېگەنگە ئوخشاش ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى يازغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
费尔斯曼
fèi ěr sī màn