Uyghur←ChineseMain Dictionary
فېرمى
Domain: دۇنيا تارىخى费米
fèi mǐ
(1901 - 1954) ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيە ئاتوم فىزىكى. رىمدا تۇغۇلغان. 1922 - يىلى پىسا داشۆسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن لىيدىن، گېتتىنگېن، رىم قاتارلىق داشۆلەردە بىلىم ئاشۇرغان. 1926 - 1938 - يىللىرى رىم داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1939 - 1945 - يىللىرى ئامېرىكىدىكى كولومبىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1945 - 1954 - يىللىرى چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ھەمدە ئامېرىكا ئاتوم ئىنىرگىيىسى مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئاتوم ئىنىرگىيسى تەتقىقاتى جەھەتتە پائۇل سىغدۇرماسلىق قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى دىراكنىڭكىگە ئوخشاش تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىگە بولغان، ئۇ <فېرمى - دىراك ھېسابلاش ئۇسۇلى> دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا β سىزىقلىق ئاجرىلىش مىقدارى نەزەرىيىسىنى ئىشلەپ چىققان، كېيىن <ئىسسىق نېيتروننىڭ كېڭىيىش نەزەرىيىسى>نى ئوتتۇرغا قويغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. (1938 - يىلى). 1942 - يىلى ئامېرىكىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم رىئاكتورىنى قۇرۇپ چىقىشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئاتوم بومبىسىنى ئىشلەش ئىشىغا باشچىلىق قىلغان. شۇنداقلا ئېلېكترون زەربىسىنىڭ سۈنئىي رادىئوئاكتىپ پەيدا قىلىشىدىن پايدىلىنىپ يېڭى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمېنتى، ئاستا نېيتروننى ۋە ئاتومنىڭ زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان. كېيىن چىكاگودا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ فىزىكىدىكى تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئاتوم يادروسىنىڭ فىزىكىلىق ئۇزۇنلۇق بىرلىكى (10cm 1 3) فېرمىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئېلېمىنتلار جەدۋىلىدىكى 001 - ئېلېمېنت <فېرمىئۇم> دەپ ئاتالغان.
Domain: ئۇنىۋېرسالفېرمى (ئۇزۇنلۇق بىرلىكى)
费米
fèi mǐ
费米
fèi mǐ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.