Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرېدرىخ ۋىلھېلم
Domain: دۇنيا تارىخى腓特烈.威廉
féi tè liè .wēi lián
(1620 - 1688)، براندېنبۇرگ سايلىغۇچى كىنەز (1640 - 1688)، براندېنبۇرگ - پرۇسسىيە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھەربىي دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. تەختكە چىققاندىن كېيىن 30 يىللىق ئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىشقا تىرىشىپ، سودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان سىياسەت يۈرگۈزگەن، سودا - سانائەت بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، سودىنى تەرەققى قىلدۇرغان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، قانال قازدۇرغان، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرگەن، فرانسىيەدىن قېچىپ كەلگەن خۇگۇئېنوتس مۇرىتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە يول قۇيغان ھەمدە ئارمىيىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرغان، شۋېتسىيە، پولشا، دانىيە ۋە روسىيەلەرنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى رىقابىتىدىن پايدىلىنىپ، زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1648 - يىلى <ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى>گە ئاساسەن، پومېرانىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە 7165 - يىلى پرۇسسىيەنى پولشاغا بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، براندېنبۇرگقا قارايدىغان قىلغان؛ فرانسىيە - گوللاندىيە ئۇرۇشى (1672 - 1678) مەزگىلىدە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ براندېنبۇرگ - پرۇسسىيە دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن.
Domain: دۇنيا تارىخى腓特烈.威廉一世
féi tè liè .wēi lián yí shì
(1688 - 1740)، پرۇسسىيە كورۇلى (1713 - 1740). فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، پرۇسىسىيەنىڭ بيۇروكرات ھەربىي ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى كۈنسايىن كۈچەيگەن. يۇنكىر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قوراللىق كۈچنى تولۇقلىغان، ئارمىيىنىڭ ئادەم سانىنى 80 مىڭدىن ئاشۇرۇپ، ياۋروپادىكى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. خەلققە ۋە ئەسكەرلەرگە شەپقەتسىز <كالتەك> سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بارلىق ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان ھەمدە مەركىزىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتكەن. ئارمىيىنىڭ غايەت زور چىقىمغا خىراجەت يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خەزىنە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، خەلقتىن ئېغىر باج ئالغان ۋە چېگرا بېجىنى مۇھاپىزەت قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، 1713 - يىلى <ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە 1720 - يىلى <ستۇكھولىم سۈلھ شەرتنامىسى> ئارقىلىق، پۇمېرانىيىنىڭ بىر قىسمى قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، پرۇسسىيە زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.
Domain: دۇنيا تارىخى腓特烈.威廉二世
féi tè liè .wēi lián èr shì
(1744 - 1797). پرۇسسىيە كورۇلى (1786 - 1797). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ نەۋرىسى، فرېدرىخ Ⅱ (ئىمپېراتور فرېدرىخ)نىڭ جىيەنى. 1758 - يىلى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1786 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدە ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتىپ، ئاقارتىش ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1788 - يىلى يەنە گېزىت - ژۇرنال ۋە كىتابلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەمدە دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن. سىرتقا قارىتا، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1790 - يىلى 7 - ئايدا ئاۋستىرىيە بىلەن <رېخېنباخ كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، فرانسىيە قارشى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلىنى قۇرغان. 1791 - يىلى 8 - ئايدا ئاۋستىرىيە ئىمپېراتورى لېئوپولد Ⅱ بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىدىغان <پىللىنتز خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1793 - 1795 - يىللىرى ئىككىنچى قېتىملىق ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈۋېلىشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان. 1793 - يىلى ئەنگىلىيە ئۇيۇشتۇرغان فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1795 - يىلى ھەربىي جەھەتتە ئۇدا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە پرۇسسىيە - ئاۋستىرىيە زىددىيىتىنى چوڭقۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز ئالدىغا فرانسىيە بىلەن <باسېل سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.