Uyghur←ChineseMain Dictionary
فراشېرى
دۇنيا تارىخى
阿勃杜尔.弗拉舍里
ā bó dù ěr .fú lā shě lǐ
(1839 - 1892) ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، 1877-يىلىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئالبانىيە ۋەكىللىرى ئۆتكۈزگەن جانىنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئالبانىيىنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئاپتونومىيىسىنى تەلەپ قىلغان. 1878-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە مەخپىي كومىتېت قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا پرىزرېن پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالبانىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ، پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1880-يىلى 7-ئايدا پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئالبانىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان نىزام لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپ ئۆتمەي، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان ئىتتىپاق مەزكىزىي كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئىتتىپاق ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئالبانىيىنى قوغداش يولىدا قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1881-يىلى 2-ئايدا دىبرادا فېئوداللارنىڭ قەستىگە ئۇچراشقا تاسلا قالغان. 4-ئايدا، تۈركىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، پرىزرېن قولدىن كەتكەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1885-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرمدە قويۇپ بېرىلگەن. يوقسۇللۇق ۋە كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
弗拉舍里
fú lā shě lǐ