Uyghur←ChineseMain Dictionary
فراساۋ
Domain: دۇنيا تارىخى郑昭
zhèng zhāo
(1734 - 1782) ئەسلى ئىسمى جىن شىن، تايلاندلىقلار پادىشاھ تاكسىن (تايلاندچە <سىن> نىڭ مەنىسى بايلىق دېگەنلىك) دەپ ئاتىغان. سىيام (بۈگۈنكى تايلاند)دىكى تونبورى سۇلالىسىنىڭ (1767 - 1782) قۇرغۇچىسى. جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى چىنخەيلىك جىن يۇڭ بىلەن سىياملىق ئايال نوك ياڭنىڭ بالىسى. ئوردىغا كىرىپ قۇرۇقچى بولغان. داچىڭ ناھىيىسىنىڭ ئامباللىقىغا تەيىنلىنىپ كېىيىن گەن پېڭبىنىڭ باسقاۋۇللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1767 - يىلى 4 - ئايدا ئايۇتىيە سۇلالىسى بىرما تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن يېڭىۋاشتىن قوشۇن تەشكىللەپ، بىرما ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەدىمكى پايتەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى پادىشاھ بولغان. مېينەنخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تونبۇرىنى يېڭى پايتەخت قىلىپ، تونبۇرى سۇلالىسىنى قۇرغان، ئاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى تىنجىتقان، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى مۇستەھكەملىگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە جۇڭگو، ياپونىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. 1771- ۋە 1781 - يىللىرى ئىككى قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1782 - يىلى قول ئاستىدىكى چاۋپرا ياچاكرى (راماⅠ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.