Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانسىيە - تۇنىس ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى法突战争
fǎ tū zhàn zhēng
فرانسىيەنىڭ تۇنىسقا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. فرانسىيە گېرمانىيە، ئەنگلىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئارقىسىدا تۇنىستىكى كلاۋمىر قەبىلىسىنىڭ ئالجىرىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى باھانە قىلىپ، 1881 - يىلى 4 - ئايدا ئەسكەر چىقىرىپ، ئالجىرىيە ئارقىلىق تۇنىسقا تاجاۋۇز قىلغان. 5 - ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بىزېرتادىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تۇنىسىنىڭ پايتەختىگە قىستاپ كەلگەن. تۇنىس ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى <بارتو شەرتنامىسى>گە مەجبورىي قول قويغان. شۇنىڭ بىلەن تۇنىس فرانسىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.