Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانسىيە - كامبۇدژا ھامىيلىق شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
法柬保护条约
fǎ jiǎn bǎo hù tiáo yuē
1863 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى فرانسىيە بىلەن كامبودژادا ئىمزالىغان شەرتنامە. ئاساسلىق مەزمونى: فرانسىيە كامبودژاغا ھامىيلىق قىلىدۇ، فرانسىيە بىر نەپەر فرانسىيىلىك ئەمەلدارنى كونسۇللۇققا تەيىنلەپ، كامبودژانىڭ پادىشاھ ئوردىسىغا تۇرغۇزىدۇ، ئۇ سايگون باش ۋالىيسىغا بويسۇنىدۇ؛ باشقا دۆلەتلەر ئەگەر كامبودژاغا كونسۇل ئەۋەتمەكچى بولسا، جەزمەن فرانسىيە - كامبودژا ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەگەر سودىگەرلەر سايگون دائىرلىرىنىڭ پاسپورتىغا ئىگە بولسا، چەت ئەلدىن كامبودژاغا مال ئەكەلگەندە ئۇلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت.بۇ شەرتنامە كامبودژانى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.