Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانىس
دۇنيا تارىخى
法郎士
fǎ láng shì
(1844 - 1924) فرانسىيىلىك يازغۇچى. پارىژدىكى كىتاب سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خېلى بۇرۇنلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، <دەۋر> ئەدەبىي تەنقىد بېتىگە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئىلگىرىكى ئەسەرلىردە رېئالىزملىق ئۇسلۇب ئارقىلىق بۇرژۇئازىيە قانۇنىنىڭ ساختىلىقى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ تاشلىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كاپىتالىزمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر تەنقىد قىلىپ، درېفوس ۋەقەسىدە قەتئىي ھالدا ئىلغار كۈچلەر تەرەپتە تۇرغان ھەمدە زولا ۋە باشقا درېفوسچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1905 - 1907 - يىللىرىدىكى روسىيە ئىنقىلابىدا <روسىيە خەلقنىڭ دوستلۇق جەمئىيىتى>نىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن روسىيەئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن ھەمدە ئىنقىلابتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، كاپىتالىزم جەزمەن يوقىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا <يومانتى گېزىتى> گە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئۇنىڭ يەنە <ئالتۇن رەڭلىك شېئىرلار توپلىمى>، <پۇنارنىڭ جىنايىتى>، <تېيىس>، <ئەرۋاھلار ئىنتىزارى> قاتارلىقلارنى يازغان. 1921 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
تارىخ
方济斯
fāng jì sī