Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانكونىيە خاندانلىقى
Domain: دۇنيا تارىخى法兰克尼亚王朝
fǎ lán kè ní yà wáng cháo
سالىئېرخاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى فېئوداللىق خاندانلىق (1024 - 1125). فرانكونىيە گرافى كونراد قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى رىتسارلار خۇسۇسىي خادىملار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان شەھەر ئاھالىلىرىغا تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەشقىلىپ، خان جەمەتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن؛ئىتالىيىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن؛ رىم پاپاسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1122 - يىلى <ۋورمىس دىنى كېلىشىمى> ئىمزالىغاندىن كېيىنلا ۋاقتىنچە مۇرەسسەگە ئۆتكەن. ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتىكى يىللىرى مۇنداق: كونراد Ⅱ (1024 - 1039)، ھېنرى Ⅲ (1039 - 1056)، ھېنرى Ⅳ (1056 - 1106)، ھېنرى Ⅴ (1106 - 1125).
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.