UyghurMain Dictionary
فوتوبىئولوگىيە
بىئولوگىيە
نۇرنىڭ جانلىقلارغا بولغان تەسىرى، جانلىقلارنىڭ نۇرغا قارىتا پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: نۇرنىڭ بىر مۇھىت ئىنفورماتسىيىسى سۈپىتىدە جانلىق ئورگانىزمغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ۋە جانلىقلارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسىنىڭ مېخانىزمنىنى شەرھلەش، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، زىيانلىق تەرەپلىرىدىن ساقلىنىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت. فوتوبىئولوگىيە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالاقىدار پەن بولۇپ، ئۇ بىئولوگىيە، خىمىيە، فىزىكا قاتارلىق پەنلەرنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىلىرىغا مۇھتاج. ھەر خىل جانلىقلار (مەسىلەن، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، ئىپتىدائىي ھايۋانلار، يۈسۈنلەر، ئۆسۈملۈكلەر، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار قاتارلىقلار) نىڭ ھەممىسى نۇرغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. جانلىقلارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسى يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچانلىق، يورۇقلۇققا بۇرۇلۇشچانلىق، يورۇقلۇق مورفولوگىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يورۇقلۇق دەۋرىيلىكى، كۆرۈش سەزگۈ ھادىسىسى ۋە جانلىقلارنىڭ يورۇقلۇق تەڭشەيدىغان رىتىمچانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى فوتوسىنتېز بىلەن يورۇقلۇق دەۋرىيلىكى فوتوبىئولوگىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى.