Uyghur←ChineseMain Dictionary
فوسفاتىدلار
Domain: بىئولوگىيە磷脂
línzhī
تەركىبىدە فوسفات كىسلاتاسى بولغان ياغسىمان ماددا. فوسفو گلىتسېرىد (گلىتسېرول فوسفاتىدلار ياكى فوسفاتىدلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۈجەيرە پەردىسىدە مەخسۇس بولىدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، مايلارنىڭ جانلىقلار تېنىدە ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ جىگەر، مېڭە، تۇخۇم قاتارلىقلىرىدا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىدا مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. فوسفو گلىتسېرىدلارنىڭ مۇھىملىرىدىن فوسفاتىدىل خولىن (يەنى لېتسىتىن) - گلىتسېرىن، ماي كىسلاتاسى، فوسفو خولىنلاردىن تۈزۈلىدۇ؛ فوسفوتىدىل ئېتانولامىن - گلىتسېرىن، ماي كىسلاتاسى، فوسفو ئېتانولامىندىن تۈزۈلىدۇ؛ فوسفوتىدىل سېرىن ئالدىنقى ئىككىسىگە ئوخشايدۇ، پەقەت فوسفات كىسلاتا گۇرۇپپىسى، سېرىننىڭ گىدروكسىل رادىكالى بىلەن ئېستېر بېغى ئارقىلىق تۇتىشىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.