UyghurMain Dictionary
فونۋىزىن
دۇنيا تارىخى
(1744 ياكى 1745 -1792) روسىيەلىك دراماتورگ، ئاقسۆڭەك ئائىسلىدە تۇغۇلغان. 1762 - يىلى گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1768 - 1769 - يىللىرى <برىگادىر> دېگەن ھەجۋىيىلىك كومېدىيىنى يېزىپ روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى سىنىپىنىڭ چىرىكلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چوقۇنۇشتەك رەزىل ئەپتىنى تەسۋىرلىگەن. 1771 - يىلى ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى <بايۋەچچە>نى يېزىپ، ئۇنىڭدا ئايال پومېشچىك پروستاكوۋانىڭ دۆتلۈكى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ھېچنىمە ئۆگەنمەي لاغايلاپ يۈرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق زۇلمەتلىك يانچىلىق تۈزۈمىنى پاش قىلغان. ئۇلاردىن باشقا يەنە <نەسىھەتچى تۈلكە> دېگەن مەسەل، <مالايلارغا خەت> دېگەن نەسىر، <مەسىلە> دېگەن سىياسىي ئوبزور قاتارلىقلارنى يازغان.