Uyghur←ChineseMain Dictionary
فونتانې
دۇنيا تارىخى
冯塔纳
féng tǎ nà
(1819 - 1898) گېرمانىيەلىك رىئالىست يازغۇچى، شائىر. براندېنبۇرگدا دورا سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە ئاپتىكىدا شاگىرت بولغان. 1848 - يىلدىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان. كېيىن بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، شوتلاندىيە خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1860 - يىلدىن باشلاپ ئۇزۇن مەزگىل <كرېست> گېزىتىگە ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1861 - 1862 - يىللىرى <براندېنبۇرگ ساياھەت خاتىرلىرى>نى ئېلان قىلغان. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي مۇخبىر بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بېرلىندىكى <فوس> گېزىتىدە 20 يىلدىن كۆپرەك دراما ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلەردە ئەكسىيەتچىل پرۇسسىيە روھىنى، فېئودال - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرىنى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ساختا ئەخلاقىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، گېرمانىيە تەنقىدىي رېئالىزمى ئۈچۈن يول ئاچقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <بوراندىن ئىلگىرى>، <كورۇل فون ۋۇتېنوۋ>، <ژېننى ترايبېل خانىم> ۋە <ئېففى برىست> قاتارلىقلار بار.