Uyghur←ChineseMain Dictionary
فولىك كىسلاتا
Domain: بىئولوگىيە叶酸
yèsuān
يوپۇرماق كىسلاتاسىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ خىل ئورگانىك ماددا يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ تەركىبىدە مول بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. <پىتېروئىل گلۇتامىك كىسلاتاسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈزۈلۈش فورمۇلىسى 760 - بەتتە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ.
تېترا گىدروفولىك ئامىدنىڭ N 10 N 5 ئازوت ئاتوملىرى <ئاكتىپ فورمالدېگىد>، <ئاكتىپ فورمىك كىسلاتا> لىرىنى يەتكۈزىدۇ. پۇرىن ۋە پىرىمىنلارنىڭ سىنتېزلىنىش مېتابولىزمىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا نورمال قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا نىسبەتەن تېزلىتىش رولى بولىدۇ. ئادەم تېنىدە يوپۇرماق كسىلاتاسى يېتىشمىسە قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر قىلغانلىقتىن، زور قىزىل قان ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق كېسىلى بولىدۇ. يوپۇرماق كىسلاتاسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددىلاردىن مېتوترېكسات قاتارلىقلار يوپۇرماق كسىلاتاسىنى ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىمنىڭ تورمۇزلىغۇچىسى بولۇپ، كلىنىكىدا بالىلاردىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ۋە ئاياللاردىكى تىۋىتلىك پەردە ئېپىتېلىيە راكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
Domain: تېببىي维生素
wéi shēng sù
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.