UyghurMain Dictionary
فىنىك ئېلىپبەسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى فىنىكلار قوللانغان بىر خىل ئېلىپبە. ئۇ قەدىمكى مىسىر يېزىقىدىن ئۆزگەرگەن سامى ھەرپلىرىدىن كېلىپ چىققان. ھەرىپلىرى جەمئىي 22 بولۇپ، ھەممىسى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىن فىنىك ھەرپلىرى ئاساسىدا گرېك ھەرپلىرى، گرېك ھەرپلىرى ئاساسىدا لاتىن ۋە سلاۋىيان ھەرپلىرى بارلىققا كەلگەن. دېمەك، فىنىك ئېلىپبەسى ياۋروپادىكى ھەر خىل يېزىقلارنىڭ ئورتاق مەنبەسىدۇر.