UyghurMain Dictionary
فېلىپ
دۇنيا تارىخى
(1578 - 1621)،ئىسپانىيەنىڭ كورۇلى (1598 - 1621). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئوردا تۇرمۇشىغا مەپتۇن بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى يېقىن ۋەزىرى كىنەز لېرما (1553 - 1625)نىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلاپ قويغان. 1609 - يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ مورىسكوسلارنى قوغلاپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ بەرگەن. شۇ يىلى نېدىرلاندىيە بىلەن <ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، ئەمەلىيەتتە نېدىرلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان.