Uyghur←ChineseMain Dictionary
فلورىدا تاقىم ئاراللىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر佛罗里达群岛
fó luó lǐ dá qún dǎo
ئا ق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدكى ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار كېلارگو ئارىلىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ زەنجىرسىمان سوزۇلغان ئاراللارنىڭ ئومۇمىي نامىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار مارجان رىفلىرىدىن تۈزۈلگەن. يېرىم ئارالدىكى خومېستېدىن تارتىپ تاقىم ئاراللارنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كېۋېست ئارىلىغىچە بولغان ئاراللارنىڭ ئارىلىقى كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللار ئۈستىگە كۆۋرۈكلەر بىلەن قوشۇلۇپ، دېڭىز ئۈستى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى سېلىنغان. ئا ق ش نىڭ مېئامې شەھىرىدىن ماشىنا بىلەن كېۋېست شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ جاي ئا ق ش نىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللاردا ياز، كۈز پەسىللىرىدە قارا بوران كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.