UyghurMain Dictionary
فلىك گورۇھى
دۇنيا تارىخى
فېدېراتىپ گېرمانىيەنىڭ مونوپول كاپىتال گۇرۇھى. ئاپتوموبىل ۋە دۋىگاتىل ياساش سانائىتنى ئاساس قىلغان. فېدرىخ فلىك (1883 - 1872) بۇ گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، كۆمۈر، پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر، خىمىيە ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ناتسىسىتلار پارتىيىسى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارنى 20 مىليون ماركتىن كۆپرەك ئىقتىسادىي خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن. گىتلېر ھاكىمىيىتىنىڭ يەھۇدىيلارنى يەكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ يەھۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي تەييارلىقلازنى ھازىرلاپ بېرىپ، قارىمىقىدىكى 55 كارخانىنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەشكە سالغان . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، غايەت زور تىپتىكى كارخانىدىن 132 سى بولۇپ، جۇغلانما مەبلىغى 3 مىليارد ماركتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر مەھەل مۇسادىرە قىلىنغان، 1952 - يىلى يەنە قايتا قۇرۇپ چىققان. فرېدرىخ فلىك سانائەت باشقۇرۇش شىركىتى ئاساس قىلىنغان. ئاساسلىق كارخانىسى - دېملېربىنىس ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ كۆلىمى سانتانا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭكىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ ھەمدە ئۇ ھەربىي قورال - ياراق، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر ۋە قەغەزچىلىك قاتارلىق سانائەتلەرگە مەبلەغ سالغان.