Uyghur←ChineseMain Dictionary
فلاۋى سۇلالىسى
Domain: دۇنيا تارىخى弗拉维王朝
fú lā wéi wáng cháo
ئالدىنقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچى سۇلالىسى (69 - 96). كلائۇدى سۇلالىسىدىن كېيىن، ۋېسپا سىئانۇس قۇرغان؛ ۋېسپاسىئانۇس فلاۋى جەمەتىدىن بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. سۇلالە مەزگىلىدە، داۋاملىق تۈردە ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، رىتسارلار ھەمدە ئۆلكىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى سېناتقا قاتناشتۇرغان شۇنداقلا رىم پۇقرالىق ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. رىم قاتارلىق شەھەرلەردە كولوسسېئۇم سېرك مەيدانى قاتارلىق بەزى قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، ئېرۇسالىم شەھىرىنى ۋەيران قىلغان (70 - يىلى). دۇناي دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىدىكى داكىيە (ھازىرقى رۇمىنيەنىڭ ئەتراپى) گە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مەغلۇپ بولۇپ، ئاھانەتلىك سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان (تەخمىنەن 90 - يىلى). خرىستىئانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. 79 - يىلى 8 - ئايدا ۋېزۇۋىي يانار تېغى (كامپانىيىدە) تۇنجى قېتىم پارتلاپ، پومپېيى قاتارلىق شەھەرلەنى كۆمۈۋەتكەن. بۇ سۇلالىنىڭ ئۈچ ئېمپېراتورى بولغان، بۇلار ۋېسپا - سىئانۇس (69 - 79)، تىتۇس (79 - 81)، دومىتىئانۇس (81 - 96)لار. كېيىن ئانتونى سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.