Uyghur←ChineseMain Dictionary
فلاسئۇس
Domain: دۇنيا تارىخى佛拉西斯
fó lā xī sī
(1520 - 1575) گېرمانىيىلىك پروتېستانت تارىخچى. ئالبونا (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيە ئىستىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى لابىن)دا تۇغۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋېنسىيە، بازىل ۋە ۋىتتىنبېرگ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇغان. مارتىن ليۇتېرنىڭ تەسىرى بىلەن پروتېستانت مۇرىتى بولغان. 1544 - 1549 - يىللىرى ۋىتتېنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېبرىي تىلى پروفېسسورى بولغان. 1557 - 1561 - يىللىرى بىرمەزگىل يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بىر ئۆمۈرلۈك كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ئالتە نەپەر ئالىم بىلەن بىرگە <ماگدىبۇرگ تارىخى>نى يېزىپچىققان. بۇ كىتاب جەمئىي 13 توم بولۇپ، خرىستوسىنىڭ تۇغۇلغىنىدىن باشلاپ 1300 - يىلغىچە بولغان خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تارىخىنى پروتېستانتچىلار تىئولوگىيىلىك نۇقتىئىنەزىرى بويىچە بايان قىلغان. كىتاب يۈز يىلنى بىر توم قىلغاچقا <ئەسىرلەر تارىخى>دەپ ئاتالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.