Uyghur←ChineseMain Dictionary
فىلارېت
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
弗拉烈特
fú lā liè tè
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
费拉烈特
fèi lā liè tè
دۇنيا تارىخى
菲拉烈特
fēi lā liè tè
(تەخمىنەن 1554 - ياكى 1555 - 1633) ئادەتتىكى نامى فېدرو نىكىتىچ رومانوۋ، رۇس چوڭ ئاقسۆڭىكى، موسكۋا ۋە پۈتۈن روسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى (1619 - 1633)، چار پادىشاھ مىخائىل فېدوروۋىچنىڭ دادىسى. روستوۋ ۋە تۇشنو ئارخېئېپىسكوپى بولغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، پولشا فېئوداللىرى روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ، پولشادا قاماققا ئېلىنغان. 1618 - يىلى 12 - ئايدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پولشا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 1619 - يىلى بوشىتىلىپ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان. موسكۋاغا كەلگەندىن كېيىن ئوغلى تەرىپىدىن باش ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەنگەن، بارلىق پەرمانلارنى چار پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئىمزالاپ جاكارلىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئون نەچچە يىلدا، دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى بولۇپ، <بۈيۈك شاھ> دەپ ئاتالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان.