Uyghur←ChineseMain Dictionary
فلاندرس
Domain: دۇنيا تارىخى佛兰德斯
fó lán dé sī
فلاندىرىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. غەربىي ياۋرۇپادىكى تارىخىي يەر نامى بولۇپ، ھازىرقى بېلگىيىنىڭ شەرقىي، غەربىي فلاندىر ئۆلكىسى ۋە فرانسىينىڭ نورد ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادى 843 - يىلدىكى <ۋېردىن شەرتنامىسى>غا بىنائەن كۆپ قىسمى غەربىي فرانكقا تەۋە بولغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گرافلىققا ئايىلىنىپ، فرانسىيە كورۇلىغا بېقىنىپ كەلگەن. ئۇ يەردە سودا - سانائەت تەرەققى تاپقان. 1302، 1337 - ۋە 1382 - يىللىرى بەزى شەھەرلىرىدە گراف ۋە فرانسىيە كورۇلىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتىلىغان. 1384 - يىلى بۇرگۇندىيە گرېتسوگلىققا تەۋە بولغان. 1477 - يىلى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن. 1556 - يىلى ئىسپانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.