UyghurMain Dictionary
فەسل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: فۇسۇل. مەۋسۈم:
بۆلۈم، باپ:
1. چار فەسل دەير ئىچىدە قارىغ ئېرمەس غۇسسەدىن،
چەك مۇغەننى چارگاھىڭ، كەل، بۇ كۆڭلۈمنى ئاۋۇت.
ئەرشى.
2. شەرھ ئەگەر قىلسام جەمالىڭ دەفتەرىدىن بىر ۋەرەق،
ھەر سۆزى مىڭ فەسل ئولۇر، ھەر فەسلى نەچچە بابلەر.
نەسىمىي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۆلۈم، باب (كىتابتىكى)؛ مەۋسۇم، پەسىل(كۆپلۈكى<فۇسۇل>):فەسلى خەزان - كۈز مەۋسىمى؛ گۈل فەسلى - باھار مەۋسىمى.