UyghurMain Dictionary
فەرراش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈپۈرگۈچى. مازار، مەدرىسە، مەسچىتلەرنى سىيرىپ سۈپۈرگۈچى، يىغىشتۇرغۇچى؛ خىزمەتكار:
فەرراشى غۇبارى ئاستانەڭنىڭ،
ھۈرمەتدە چۇ شەھ پەرى ھۇمادۇر.
زەلىلى.
... سەباتەك بۇ چەمەن فەراشىدۇرمەن،
نە يەرگە بارسا گۇل يولداشىدۇرمەن.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈگۈريېتىمچى، خىزمەتچى؛ ئورۇن سالغۇچى؛ مازار، مەدرىسە، مەسچىتلەرنى سۈپۈرۈپ - تازىلاپ تۇرغۇچى كىشى؛ قوروچى.