Chinese→UyghurMain Dictionary
分子杂交
بىئولوگىيە
مولېكۇلىنى شالغۇتلاشتۇرۇش
قاتارلىقلار ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ھىدروگېنلىق باغ ئارقىلىق بىرىكىپ ئۆز ئارا تولۇقلىشىدىغانلىقى ۋە DNA نىڭ ئەسلىگە كېلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، غەيرىي مەنبەلىك پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىدىكى ئوخشاش مەنبەلىك ئىشقار رادىكال رېتىنى ئېنىقلاش، كۆچۈرۈلگەن ھاسىلاتنى ئېنىقلاش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدىغان يادرو كىسلاتاسىنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىى بەرپا قىلدى. ئەڭ دەسلەپتە سۇيۇق فازىلىق شالغۇتلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، يەنى ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان رېتىدىكى ئىككى تال پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىنى ئۆزگەرتىش (تېمپېراتۇرىنى Km دىن يۇقىرىلىتىش ياكى باشقىلار) ئارقىلىق يېشىپ، تاق زەنجىرلىككە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئېرىتمىدە ئاستا - ئاستا بىللە سوۋۇتۇلسا (يەنى قىزىقى قايتۇرۇلسا)، ئوخشاش مەنبەلىك رايوندا قوش زەنجىرلىك شالغۇت تەنە (DNA:DNA ياكى RNA : DNA ياكى RNA : RNA) ھاسىل بولىدۇ، ئوخشاش مەنبەلىك بولمىغان تاق زەنجىرلىك قىسمى نۇكلېئوئاتيىسىدازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، شالغۇت زەنجىر زىچلىق گرادىئېنتىنى سېزى خلورىد بىلەن مۇۋازىنەتلەشتۈرۈپ سېنترىفوگلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئايرىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا DNA نىڭ قايتا پولىمېرلىنىپ قېلىشى ۋە زىچلىق گرادىئېنتى بويىچە سېنترىفۇگلىغاندا چۆكۈپ قېلىشىدەك كەمچىلىكىنى يېڭىش ھەمدە مەخسۇس بىرىكىپ شالغۇتلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن Hall قاتتىق فازىدا شالغۇتلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى، بۇنىڭدا سېلليۇلوزا نىتراتلىق پەردىنىڭ تاق زەنجىرلىك DNA ۋە قوش زەنجىرلىك شالغۇت زەنجىرگە نىسبەتەن تەن مەخسۇس ئادسورپسىيىلەش ئىقتىدارىنىڭ پەرقىدىن پايدىلىنىپ، DNA ۋە RNA نى پەردىدە قېلىپ، شالغۇتلاشمىغان قسىمى ئېقىپ چىقىدۇ، ئاندىن كېيىن شالغۇت زەنجىر پەردىدىن يۇيۇپ چۈشۈرۈۋېلىنىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ DNA نىڭ ھۈجەيرىدە بىرەر ئاقسىلنىڭ رەت نومۇرىنى تۈزۈشى ياكى تۈزمەيدىغانلىقى ياكى كۆچۈرۈلگەن ھاسىلاتنىڭ پەيدا بولۇشى ئېنىقلىنىدۇ.
تېببىي
fēn zǐ zá jiāo
مولېكۇلىلىق شالغۇتلىشىشDباغۋەنچىلىك
fēn zǐ zá jiāo
مولېكۇلا چېتىشتۇرۇش