Chinese→UyghurMain Dictionary
分泌腔
بىئولوگىيە
ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقى
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورگانلىرى ئىچىدىكى ئاجرالمىلار يىغىلىدىغان بوشلۇق. ئۇ بىر توپ ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ ئاجرالمىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يىمىرىلىپ ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىغا ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاجرالمىلار ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىغا توپلىنىپ ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇشچان ماي قاتارلىق كېيىنكى ماددىلار بولىدۇ. مەسىلەن، سترۇس تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئېۋكالپىت دەرىخىنىڭ ماي خالتىسى ھۈجەيرىنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقى ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىنىڭ كېرىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، كۈنلۈكسىمانلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر،جۇخار گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، سىر دەرىخى قاتارلىقلار
ئۆسۈملۈك
fēn mì qiāng
ئاجرىتىپ چىقىرىش بوشلۇقى