UyghurMain Dictionary
فەلەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەفلاك. ئاسمان، كۆك، پەلەك:
تەقدىر، بەخت، تەلەي:
1. فەلەك ئۈستىدە مىھرۇ يەر ئۆزە مەھۋەشلە مەھۋ ئولمىش،
سەمەندىن سەكرەتىپ ئول شوخ بولسە ناگەھان پەيدا.
ئەرشى.
2. ئاھ نەيلەي بۇ فەلەك قىلدى نىگارىمدىن جۇدا،
ئەندەلىب يەڭلىغ بولۇپمەن گۈلئۇزارىمدىن جۇدا.
موللا بىللال.
تا سېنىڭدەك نازەنىنغە ئاشنا قىلدى فەلەك،
مېھنەتۇ دەردۇ بەلاغە مۇبتەلا قىلدى فەلەك.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆك، ئاسمان، يۇقىرى؛ كۆچمە مەنىسى: بەخت، تەلەي، تەقدىر(كۆپلۈكى <ئەفلاك>).