Lughet
DictionaryUyghurتروخېلمىنتېسلار
UyghurChineseMain Dictionary

تروخېلمىنتېسلار

بىئولوگىيە 担轮动物 dānlúndòngwù <چاقلىق ھايۋانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھايۋانلار دۇنياسىدىكى بىر كىچىك تىپ. مېتازوئالارنىڭ ئىچىدىكى تېنى ئەڭ كىچىك بىر خىلى بولۇپ، تېنى سىممېترىك، بوغۇملانمىغان، بەدەن سىرتىنى ئوراپ تۇرغان مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتتە ھالقا سىزىقلار بولۇپ، بىر قىسمىدا كىرپىك تۈكلىرى بولىدۇ. بەزى تۈرلىرىدە يەنە تەڭگىچىلىرى ھەم تىكەنسىمان تۈزۈلۈشلىرى بولىدۇ. قۇيرۇق قىسمىدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بېزى بولۇپ، جىسىملارغا يېپىشىشتا ئىشلىتىلىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرالايدۇ. تەن ئىچىدە كەڭ دەسلەپكى تەن بوشلۇقى بار. ھەزىم قىلىش نەيچىسى تەرەققىي قىلغان ھەم ھەزىم قىلىش بەزلىرىمۇ بار. چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى دەسلەپكى بۆرەك تىپىدىن ئىبارەت. كۆپچىلىكى يەككە جىنسلىق، ئاتىلىقسىز ياكى جىنسلىق كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ تۇخۇم تۇغىدىغانلىرىمۇ، تىرىك تۇغىدىغانلىرىمۇ بار. ئۇلار دېڭىز سۇلىرى ۋە تاتلىق سۇلاردىن تېپىلىدۇ. مۇھىم سىنىپى روتىفېرا (چاقلىق قۇرتلار) سىنىپى ھېسابلىنىدۇ.
Rate this entry

Same word in other sources

تروخېلمىنتېسلارUyghurMain Dictionary

Related words

تروخېلمىنتلارUyghurChineseتروخېلمىنتلارUyghurChineseتروخېلمىنتلار توپىUyghurChineseتروخېلمىنتلار تىپىUyghurChineseتروخېلمىنتلار توپىUyghurChineseتروخېلمىنتلار تىپىUyghurChinese
← Search