Uyghur←ChineseMain Dictionary
فىچ
Domain: دۇنيا تارىخى菲奇
fēi qí
(1865 - 1909) ئامېرىكىلىق دراماتورگ. ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شتاتىدىى بىر ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن چىققان. دەسلەپكى يىللاردا خارتفوردقا كۆچۈپ بارغان. 1886 - يىلى ئامېرىست شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ، ياۋرۇپانىڭ شەھەر تۇرمۇشى بىلەن تونۇشقان. پارىژدا ئۆلگەن. جەمئىي 30 نەچچە سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇلارنىڭ تولىسى كومېدىيە، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى زوقلىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن تەسۋىرلىگەن ھەم مەسخىرىمۇ قىلغان، سۆزلىرى ئاجايىپ قىزىقارلىق. ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ماھارەت ۋە شەكىلگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە تارىخىي درامىدىن <باربارا فرىچ>، <شەھەر>، كىچىك ئوپېرادىن <مېنىڭ لىلەنىم> قاتالىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.