Chinese→UyghurMain Dictionary
发育
Domain: بىئولوگىيەيېتىلىش
جانلىقلارنىڭ ھايات تارىخىدىكى تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىشىشكىچە بولغان ئۆزگىرىش جەريانى. ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتقا ماسىشىدىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلاردا، ئورۇقلانغان تۇخۇم بىر قاتار مۇرەككەپ ھەمدە تەرتىپلىك ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئەجدادى بىلەن ئوخشاش بولغان يېتىلگەن يەككە تەننى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يېتىلىشى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلىنىپ، بىر قاتار يىپلىق بۆلۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن تۈرۈلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر خىل ئالاھىدە تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىلەرگە ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر بارلىققا كېلىدۇ (مەسىلەن، نېرۋا ھۈجەيرىسى، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى، مۇسكۇل ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار). ئۇنىڭدىن كېيىن، دىففېرېنسىيىلەنگەن ھۈجەيرىلەر توقۇلمىنى، توقۇلمىلار ئورگانلىرىنى، ئورگانلار سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆرەلمىلىك يېتىلىش ئاخىرلىشىدۇ. گۆدەك تەن تۇخۇم پەردىسىنى يېرىپ چىققان ياكى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىن كېيىن، تۆرەلمىدىن كېيىنكى يېتىلىشكە كىرىپ، تېنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ مورفولوگىيە ۋە ئىقتىدارىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەجدادى بىلەن ئوخشاش بولغان يېتىلگەن يەككە تەن ھاسىل قىلىدۇ. يەككە تەن يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە ئىقتىدارىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇ قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ. شۇڭا، يەككە يېتىلىش ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلاپ، يەككە تەن ئۆلگەنگە قەدەر بولغان پۈتۈن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
fā yù
يېتىلىشDئۇنىۋېرسال
fā yù
ئۆسمەك، يېتىلمەك
Dتېببىي
fā yù
ئۆسمەك، يېتىلمەك، تەرەققىي قىلماقDمائارىپ
fā yù
يېتىلىش، ئۆسۈشDئورمانچىلىق
fā yù
ئۆسۈش، يېتىلىش
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىfā yù
تەبىئىي پەن
Domain: بىئولوگىيەئۆسۈش
(1) ئىككى قولنىڭ بارماقلىرىنى يىغىپ، بارماق ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بارماقلارنى ئاچىدۇ. (2) بىر قولىنى تۈز ئېچىپ، ئالىقاننى تۆۋەنگە قارىتىدۇ ۋە ئاستا - ئاستا يۇقىرىغا كۆتۈرىدۇ.
GetWord Corpus
Pronunciation: 8fā yù
ئۆسمەك
يېتىلىش
يېتىلمەك
ئۆسمەك، يېتىلمەك
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.