UyghurMain Dictionary
فاڭۇن
دۇنيا تارىخى
(1316 - 1373) لائوس نەنجاڭ دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. موڭسۋا شەھىرىدىكى خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى ئاتىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كېخمېرنىڭ ئانۇكور ئوردىسىدا تەلىم ئالغان ۋەكېخمېر مەلىكىسى بىلەن توي قىلغان. قېيىن ئاتىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قوشۇن تارتىپ، مىكونگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كىچىك بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، 1353 - يىلى موڭسۋانى پايتەخت قىلىپ دۆلەت قۇرغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ۋيېنتىيان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان، تېررىتورىيىسىنى ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ دىيەنبەنفۇدىن مىكونگ دەرياسى بويلاپ كامبۇدژانىڭ شىمالىي چېگرىسىغىچە كېڭەيتىپ، غەربتە چىڭۋەن، سىيامغا تۇتاشتۇرغان، شەرقتە ۋيېتنام، جەنپو بىلەن چېگرىلانغان. ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىپ، ئانكور سۇلالىسىدىن بالى يېزىقىدىكى دەستۇر ۋە پراباڭنىڭ ھەيكىلىگە ئىگە بولغان، شۇڭا پايتەخت نامىنى لاڭ پراباڭغا (پراباڭ شەھىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ئۆزگەرتكەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان، 1371 - يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن خىزمتىدىن قالدۇرۇلغان. ئىككى يىلدىن كيىن سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلگەن.