Uyghur←ChineseMain Dictionary
فاتىخ ئەلى
Domain: دۇنيا تارىخى法特赫.阿里
fǎ tè hè .ā lǐ
(1771 - 1874) ئىران كازار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1797 -1834). ئاغا مۇھەممەدنىڭ جىيەن ئوغلى. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىراننىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمى ئاجىزلاشقان بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە قەبىلە باشلىقلىرى پادىشاھ بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان، دۆلەت پارچىلىنىپ، يېغىلىق توختىمىغان، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. 1804 - 1813، 1826 - 1828 - يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق روسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىران جەنۇبىي كاپكاز رايونىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ 1800 ۋە 1814 - يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق <ئەنگلىيە - پېرسىيە شەرتنامىسى> ئىراننى يېرىم مۇستەملىكە يولىغا ماڭغۇزغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.