UyghurMain Dictionary
فاشىزم
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيانچە Fascismo دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مونوپول بۇرژۇئازىيەنىڭ ئاشكارا ھالدا ھاكىممۇتلەقلىك ۋەئاق تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇشتىكى دىكتاتۇرا شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇنداق دىكتاتۇر شەكلىنى تەرغىپ قىلىدىغان سياسىي ئىدىيىۋى ئېقىمنىمۇ كۆرسىتدۇ.<فاشىست> دېگەن سۆز لاتىنچە fasces دېگەن سۆزدىن كەلگەن، ئەسلىدە بىر پالتا قىستۇرۇلغان<بىر باغلام كالتەك> (قەدىمكى رىم ئەمەلدارلىرى ئەل ئىچىنى ئارىلاپ يۈرگەندە لېكتورلىرى ئېلىپ ماڭىدىغان ھوقۇقنى بىلدۈرىدىغان كالتەك)نى كۆرسىتىپ، زوراۋانلىق ۋە كۈچلۈكھوقۇقنىڭ سىموۋولى ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ مۇسسۇلىن باشچىلىقىدىكى فاشىستىك پارتىيە ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرغاقويغان. 1920 - يىلى گىتلېر ئوتتۇرغا قويغان مىللىي سوتسىيالىزمى - گېرمانىيە فاشىزىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيەنىڭ دىموكراتىيە تۈزۈمىدىن پۈتۈنلەي ۋەز كېچىپ، ئاشكارا ھالدا ھاكىممۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى باستۇرۇپ، بارلىق ئىلغار تەشكىلاتلارنى ۋەيران قىلغان؛ شوۋىنىزمنى يولغا قويۇپ،تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىغان؛ ھەدەپ ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، <ئېسىل> مىللەت <پەس> مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىدۇ، دەپ جار سېلىپ، <پەس مىللەتلەرنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1922 - يىلى مۇسسۇلىن باشچىلىقىدىكى فاشىستلار پارتىيىسى، 1933 - يىلى گىتلېر باشچىلىقىدىكى ناتسىتلار پارتىيىسى زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ فاشىست دىكتاتۇرسىنى ئورناتقان. شۇنىڭ ئالدى - كەينىدەياپونىيىمۇ فاشىستلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان. ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. يەنە ئىسپانىيە، پولشا، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ فاشىزمنى يولغا قويغان.