Chinese→UyghurMain Dictionary
反硝化作用
Domain: تۇپراقfǎn xiāo huà zuò yòng
نىتراتسىزلىنىش
Domain: بىئولوگىيەنىتروسىزلاش رولى
بەزى باكتېرىيىلەرنىڭ نىترات كىسلاتا تۇزىنى ئوكسىدسىزلاپ ئازوت مولېكۇلىسىغا ياكى ئازوتنىڭ ئوكسىگېنلىق بىرىكمىلىرىگە ئايلاندۇرۇدىغان بىئولوگىيىلىك جەريان. بۇ جەريان ئوكسىگېنسىز ياكى مىكرو مىقداردا ئوكسىگېن بولغان شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نىتروسىزلاش رولىنى ئېلىپ بارالايدىغان باكتېرىيىلەر نىتروسىزلىغۇچى باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق نىتروسىزلىغۇچى باكتېرىيىلەر لىشاينىكسىمان بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە، ئازوت ئاجراتقۇچى قوش شارچە باكتېرىيە، مىس كۆكى يالغان تاق ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، ستراسبورگېر يالغان تاق ھۈجەيرىلىك باكتېرىيىسى قاتارلىقلار. نىتروسىزلاش رولى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زىيانلىق، چۈنكى بۇ جەريانىدا ئۆسۈملۈك پايدىلىنايدىغان ئازوت مەنبەسى - نىترات كىسلاتا تۇزلىرى ئۆسۈملۈك پايدىلىنالمايدىغان مولېكۇلا ھالەتتىكى ئازوتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تۇپراقنى بوشىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق، تۇپراقتىكى ئوكسىگېنسىز مۇھىتنى بۇزۇپ نىتروسىزلاش رولىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.