Chinese→UyghurMain Dictionary
梵社
دىن
fàn shè
印
ھىندى دىنى
برەھمە سەماج، برەھمە جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
براخمان جەمئىيىتى
براخمان دىنىي جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، ھىندىستاندىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشكىلاتى. 8182-يىلى راي تەرىپىدىن كالكۇتتادا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تولىسى بېنگال زىيالىيلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار. ئۇنىڭ مەقسىتى ھىندى دىنىنى ئىسلاھ قىلىش، بىر خۇدالىق دىننى تەشۋىق قىلىش، بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا قارشى تۇرۇش، تۇل خوتۇنلارنىڭ قايتا ئۆيلۈك بولشىنى تەشەببۇس قىلىش، بالىلارنىڭ نىكاھلىنىشىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ھىندىستان ياۋروپاچە مائارىپ ۋە ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ⅩⅨ ئەسىردىكى ھىندىستاننى ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، يېڭى بېنگال زىيالىيلار قاتلىمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 3318-يىلى راي ئۆلگەندىن كېيىن، دۋاركانات تاگورى براخمان جەمئىيىتىنىڭ يولباشچىسى بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ، كېشاب چاندرا سېن (1838 - 1884) باشچىلىقىدىكى رادىكاللار ئۆزىنى ھىندىستان براخمان جەمئىيىتى دەپ ئاتاپ، ھىندى دىنىنىڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، تائىپە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، تائىپىلەر ئارا نىكاھلىنىشنى قۇۋۋەتلىگەن، ئاياللار مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە باشقىلار. دۋاركانات تاگورې باشچىلىقىدىكى مۇتەئەسسىپلەر ئۆزىنى <ھەقىقىي براخمان جەمئىيىتى> دەپ ئاتاپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان، ھىندى دىنىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى قۇۋۋەتلەپ، سىياسىي كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشمىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەر ئىككى گۇرۇھ ئاستا - ئاستا يوقالغان.
ئۇنىۋېرسال
fàn shè
براخمو