Chinese→UyghurMain Dictionary
泛日耳曼主义
ئۇنىۋېرسال
fàn rì ěr màn zhǔ yì
پان گېرمانىزم
دۇنيا تارىخى
پان گېرمانچىلىق
چوڭ گېرمانىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسى بىلەن يۇنكېر - پمېشچىكلارنىڭ كېڭەيمىچلىك قىلىش قارا نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان شوۋىنىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمى ۋە ھەرىكىتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن. گېرمانىيە ئەينى زاماندا زامانىۋى چوڭ كاپىتالىستىك تېخنىكا ۋە يۈكسەك تەشكىلاتقا ئىگە جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانان. يۇنكېر - پمېشچىكلار بىلەن مونوپول بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى، كۈچلۈك شوۋىنىزملىق ۋە مىلتارىزملىق خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلار گېرمانىيىنىڭ <ماكانى كەم>، <زېمىنى بەك كىچىك> دەپ جار سېلىپ، <گېرمانىيىنىڭ >ماكانى كەم<، >زېمىنى بەك كىچىك< دەپ جار سېلىپ، >گېرمان ئىرقى ئەلاچىلىقى نەەرىيىسى< نى تەرغىپ قىلغان، گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق رايونلارنى گرمانىيىگە قوشۇۋېلىشنى، مۇستەملىكىلەرنى يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھەر خىل تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ كەلگىنى 1189-يىلى قۇرۇلغان >پان گېرمان ئىتتىپاقى< (>پان گېرمانىيە ئىتتىپاقى< دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن). گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، پان گېرمانچىلىقنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق ۋە باسقۇنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا پايدىلانغان.