Chinese→UyghurMain Dictionary
反馈
Domain: بىئولوگىيەتەتۈر باغلىنىش
ئورگانىزم رېفلېكسلىق پائالىيەت (<رېفلېكس> قا قاراڭ) جەريانىدا ئېففېكتورلار تەسىر قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئىنفورماتسىيىسىنى رېفلېكس مەركىزىگە (ياكى رېفلېكس يايىسىدىكى باشقا قىسىملارغا) قايتۇرۇپ رېفلېكس مەركىزىنىڭ ئېففېكتورلرغا بولغان رولىنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىدۇ ۋە توغرىلاپ ئېنىق تەڭشىلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ. بۇنداق رول تەتۈر باغلىنىش دېيىلىدۇ. بەدەندىكى ئېففېكتور ئورگانلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ سېزىپ قوبيل قىلىش قۇرۇلمىلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىدا مۇسكۇل مۇكىلىرى (مۇكسىمان نېرۋا ئۇچلىرى) بولۇپ، مۇسكۇل قىسقارغان چاغدىكى كېرىلىش كۈچى ئۆزگىرىشىنى سېزەلەيدۇ، ھەمدە بۇ ئۇچۇرنى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يەتكۈزۈپ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇسكۇل پائالىيىتىگە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ توغرىلاشتۇرىدۇ. تەتۈر باغلىنىش مۇسپىي تەتۈر باغلىنىش ۋە مەنپىي تەتۈر باغلىنىش دەپ ئايرىلىدۇ ۋە تەتۈر باغلىنىش رولىنىڭ نەتىجىسى رېفلېكس پائالىيىتىنى كۈچەيتسە، مۇسپىي تەتۈر باغلىنىش دېيىلىدۇ؛ رېفلېكس مەركىزىنىڭ پائالىيىتىنى ئاجىزلىتىدىغىنى مەنپىي تەتۈر باغلىنىش دېيىلىدۇ. مەنپىي تەتۈر باغلىنىش ئورگانىزم ئىچكى مۇھىتىنىڭ (<ئىچكى مۇھىت> قا قاراڭ) نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، مەسىلەن، ئادەم بەدىنىدىكى ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ قان بېسىمىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلىيالىشى مەنپىي باغلىنىشنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا مەركەزلىرى (يۈرەك، قان تومۇر ھەرىكەت مەركىزى دېيىلىدۇ) بولۇپ، ئۇلار كونترول ئىنفورماتسىيە (ئۇچۇرى) چىقىرىپ نېرۋىلار ئارقىلىق يۈرەك ۋە قان تومۇرلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ. ئارتېرىيە تومۇر دىۋارىدا يەنە بېسىم رېتسىپتورلىرى بولۇپ، ئارتېرىيە قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى سېزەلەيدۇ. قان بېسىم ئۆرلىگەندە بېسىم رېتسىپتورى غىدىقلىنىپ ئىنفورماتسىيە تارقىتىپ يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر قىلغۇچى مەركەزگە قايتۇرىدۇ ۋە ئارتېرىيە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ئەسلىدىكى سەۋىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى قان بېسىمىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.
Domain: پارقازان، بېسىملىق باكfǎn kuì
قايتۇرپ بېرىش، قايتۇرۇشDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn kuì
تەتۈر يوللاشDماشىنىسازلىق
fǎn kuì
قايتۇرۇشDئۇنىۋېرسال
fǎn kuì
قايتما ئىنكاس؛ قايتىش، قايتۇرۇش
Dئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn kuì
قايتۇرۇشDتېببىي
fǎn kuì
تەتۈر باغلىنىش، ئارقىغا قايتىدىغان باغلىنىش، قايتما ئىنكاسDتاشيول قۇرۇلۇشى
fǎn kuì
تەتۈر باغلىنىشDتەنتەربىيە
fǎn kuì
قايتما ئىنكاس؛ قايتىش، قايتۇرۇشDسودا
fǎn kuì
قايتۇرۇش، قايتۇرۇلماDپوچتا - تېلېگراف
fǎn kuì
قايتۇرۇشDماتېماتىكا
fǎn kuì
ئەكىس باغلىنىشDمائارىپ
fǎn kuì
ئەكس ئىنكاس، قايتۇرما ئىنكاسDفىزىكا
fǎn kuì
قايتما ئىنكاسDكومپيۇتېر
fǎn kuì
قايتما ئىنكاس، قايتۇرۇشDئەدلىيە
fǎn kuì
قايتۇرۇش، قارشى مۇناسىۋەت، تەتۈر باغلىنىش
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىfǎn kuì
پەلسەپە، پسىخولوگىي
پسىخولوگىيە
قايتما ئىنكاس
(1) سول قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىدۇ. ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ، بارماقلىرى ئۇچىنى ئالدىغا قارىتىدۇ ھەمدە ئېغىز ئالدىدىن سول بىگىز بارمىقى تەرەپكە يۆتكەپ، بارماقلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ. (2) سول قولنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمەي، ئوڭ قولنى بېغىشىدىن بۇراپ، بارماقلىرىنى يىغىدۇ ھەمدە قۇلىقى يېنىغا يۆتكەپ بارماقلىرىنى ئاچىدۇ.
GetWord Corpus
Pronunciation: 8fǎn kuì
قايتۇرۇش
قايتۇرۇش، قايتما ئىنكاس، قايتىش
قايتما ئىنكاس
قايتىش، قايتۇرۇش
تەتۈر باغلىنىش
قايتما ئىنكاس، قايتىش، قايتۇرۇش
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.