Chinese→UyghurMain Dictionary
法的历史学派
دۇنيا تارىخى
قانۇنچىلىق تارىخشۇناسلىقى
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيە قانۇنشۇناسلىقى ۋە تارىخشۇناسلىقىدىكى بىر ئەكسىيەتچىل ئىدىيىۋى ئېقىم. بۇنىڭ ئىجادچىسى گېرمانىيە قانۇنشۇناسى گۇستاۋ خۇگو (1764 - 1844) بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى ساۋىنې <تەتقىقاتنىڭ مەنبەسى> بۇ ئېقىمنىڭ شوئارى بولۇپ، ئۇلار <تەبىئىي ھالەت ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ھەقىقى ھالىتى>، <ئادەمنىڭ قانۇندىكى بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى - ئۇنىڭ ھايۋانلىق ماھيىتىدۇر> دەپ ھېسابلىغان، يەنە، قانۇننىڭ مەنبەسى ئادەت، تارىختا ئادەتكە ئايلانغان قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى يوللۇق، شۇڭا كىشىلەرنىڭ <ھوقۇق ئىگىلىگەن ئەمەلدارغا بويسۇنۇشى ۋىجداننىڭ مۇقەددەس بۇرچى> دەپ قاراپ، ھوقۇقدارغا سەللا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك چوڭ ئاسىيلىق بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى گېرمانىيە فېئودال ئىستىبداتلىق ھوقۇقچىلىقنى قوغدايدىغان ئەكسىيەتچىل نەزەرىيە. ماركس بۇ ئېقىمنى تەنقىدلىگەندە بۇ <تۈنۈگۈنكى رەزىل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى رەزىل ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىغانلىق>، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقنى قانۇنلاشتۇرغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.