Uyghur←ChineseMain Dictionary
فابىئوس
Domain: دۇنيا تارىخى非比阿斯
fēi bǐ ā sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 280 - 203)قەدىمكى رىم باش قوماندانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان. بىرقانچە قېتىم كونسۇل بولغان(مىلادىدىن 233، 228، 215، 214، 209 يىل ئىلگىرى)ئىككىنچى قېتىملىق پونىي ئۇرۇشى(مىلادىدىن ئىلگىرى 201 -218)دا رىم ئارمىيىسى ترازىمېن كۆلى بويىدىكى جەڭ(مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى)دە مەغلوپ بولغاندىن كېيىن، دىكتاتور بولغان. گاننىبال بىلەن يۈزمۇيۈز توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇرۇشنى ئارقىغا سوزۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنى كولدۇرلاتقان. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتا تېز غەلبە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرپىدىن <كۇنىكتاتور>(لاتىنچە <ئېھتىيات قىلغۇچى>، <ئارقىغا سوزغۇچى>دېگەن مەنىدە)دەپ مازاق قىلىنغان. كاننى جېڭى(مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى)دە رىم ئارمىيىسى قاتتىق مەغلوپ بولۇپ، ئۇنىڭ سالماق بولۇش تاكتىكىسىنى ئېتىراپ قىلغان؛ شۇڭا <كۇنىكتاتۇر> ھۆرمەت نامى مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدىغان بولغان. يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىلىيىدىكى <فابنئان سوتسىيالىزىمى> ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.