Chinese→UyghurMain Dictionary
法阿战争
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - ئالجىرىيە ئۇرۇشى
فرانسيەنىڭ ئالجىرىيىگە تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. فرانسىيە ئالجىرىيىگە خېلى ئۇزۇنغىچە كۆز تىكىپ يۈرگەن. 1827 - يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئالجىرىيە ھۆكۈمرانى ھۈسەيىن دېي فرانسىيە كونسۇلى دېۋالنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيەنىڭ ۋالىي مەھكىمىسى ۋاقتىدىكى قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن دېۋالنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق بولغاچقا، ھۈسەيىن ئۇنىڭغا يەلپۈگۈچنى ئاتقان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى <يەلپۈگۈچ ۋەقەسى>نى باھانە قىلىپ، بۇرمونغا ئوتتۇز مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىققىلىپ يۈرۈش قىلىشقا بويرۇق چۈشۈرگەن. بۇرمون 1830 - يىل 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئالجىىريىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىغان. 19 - كۈنىدىكى سىتائۇئېلى جېڭىدە ھۈسەيىننىڭ مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسى مەغلۇپ قىلىنغان. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى فرانسىيە ئارمىيىسى پادىشاھ جەمەتىنىڭ قەلئەسىنى توپقا تۇتقان. 6 - كۈنى ھۈسەيىن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئمزا قويغان،فرانسىيە ئارمىيىسى ئالجىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەت خەزىنىىسنى بۇلاپ، شەھەر ئاھالىسىنى تالان - تاراج قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئالجىرىيە فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.