Chinese→UyghurMain Dictionary
索摩查家族
دۇنيا تارىخى
سوموزا جەمەتى
1937 - 1979 - يىللىرى نىكاراگوئاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەمەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاناسىتاسىئو سوموزا گارسىيە (1896 - 1956) قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى، كوستارىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مىللىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، زۇڭتۇڭ (1937 - 1947، 1951 - 1956) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1934 - يىلى ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، مىللىي قەھرىمان ساندىنونى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە،سۇموزا جەمەتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە باشلىغان. ئۇ 1956 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى لۇئىس ساموزا دېبايلې (1922 - 1967) ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان (1956 - 1963). 1967 - يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئاناسىتاسىئو سوموزا دېبايلې (1925 - 1980) زۇڭتۇڭ بولغان (1967 - 1979). بۇ جەمەت دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى مونوپول قىلىۋالغان، مەملىكەت بويىچە يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى (جۈملىدىن ئېكىنزارلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى)ئىگىلىۋالغان،ئۇنىڭ مال - مۈلكى ئىككى مىليارد ئامېرىكادوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىچكى جەھەتتە قانلىق باستۇرۇشنى يولغا قويغان، سىرتقا قارىتا ئامېرىكىغا بېقىنغان. 1979 - يىلى 7 - ئايدا ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن.