—Reference
ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى
Domain: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، غەيرەت ئابدۇللانىڭ رومانى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1990 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلغان. يازغۇچىنىڭ بۇ يىرىك ئەسىرىدە جانلىق، تىپىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈنسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان يېزا ئىسلاھاتى دۇلقۇنىدا ئۆزلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئەگرى - توقايلىقلار ئىچىدە باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يول ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت جۇشقۇن مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن. روماندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي دەۋردىكى روھىي ھالىتى، كۈرەش روھى، ئۆز تەقدىرىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرىغا ئايلىنىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى دەۋر رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەنگەن.
About this entry
This is a xx–xx dictionary entry.
Sourced from Reference in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.